牛牛在线工具

Dilbar - 歌词大全

856,550 条歌词资料,支持按歌名、歌手检索与随机阅读。

支持按歌名或歌手检索,歌词排版与版本可能存在差异。

Dilbar

Abdurahman omar

歌手(原记录)
Abdurahman omar
دىلبەر ساقلايمەن تاكى سەن كەلگۈچە دىلبەر، يىگانە ئايلىنىپ ئۆستەڭ بويىدا. قارايمەن يولۇڭغا كۆزۈمنى ئۈزمەي، يىراقتىن سايەڭنى كۆرۈش كويىدا. قارايمەن يولۇڭغا كۆزۈمنى ئۈزمەي، يىراقتىن سايەڭنى كۆرۈش كويىدا. مۇزىكا مەجنۇنتال ئاستىدا سۈرىمەن خىيال، چېرايلىق ئىسمىڭنى تەكرار پىچىرلاپ. قاراڭنى كۆرسەملا يايراپ كېتىمەن، يۈرۈكۈم يالقۇنلاپ ئوتلۇق تىپىرلاپ. قاراڭنى كۆرسەملا يايراپ كېتىمەن، يۈرۈكۈم يالقۇنلاپ ئوتلۇق تىپىرلاپ. مۇزىكا بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ سۆيىمەن سېنى، سېغمايدۇ كۆڭلۈمگە سەندىن باشقىسى. ئىشقىڭدا خۇشناۋا بۇلبۇلمەن گويا، ياڭرايدۇ قەلبىمدە سۆيگۈ ناخشىسى. ئىشقىڭدا خۇشناۋا بۇلبۇلمەن گويا، ياڭرايدۇ قەلبىمدە سۆيگۈ ناخشىسى. ھاياتىم بىردانەم ئەي گۈزەل دىلبەر. سەرۋىناز بويۇڭنى كۆرگۈملا كىلەر. ھاياتىم بىردانەم ئەي گۈزەل دىلبەر. سەرۋىناز بويۇڭنى كۆرگۈملا كىلەر. سەرۋىناز بويۇڭنى كۆرگۈملا كىلەر.