牛牛在线工具

Soygu Yalkuni - 歌词大全

856,550 条歌词资料,支持按歌名、歌手检索与随机阅读。

支持按歌名或歌手检索,歌词排版与版本可能存在差异。

Soygu Yalkuni

April乐队

歌手(原记录)
April乐队
作词 : 千迹乐队 作曲 : 千迹乐队 قېنىم قاينايدۇ پىراقىڭدا، يىلىك زەرداپقا ئايلاندى، لېۋىمگە تامچىغان ياشىڭ،شېرىن مەيزاپقا ئايلاندى. ۋىسالىڭسىز غېرىب بولسام، قۇياشسىز قالدى بۇ ئالەم، چۈشۈمدە بىر كۈلۈپ باقساڭ،كىچەم ئاپتاپقا ئايلاندى. ماڭا كار قىلمىدى لوقمان،لېۋىڭدىن بىر سۆيۈش ئالماي، بولۇپ نىمجان زەپەردەست قۇل،مانا بىتاپقا ئايلاندى. ،سىنىڭ ھەر جۈملەئى لەۋزى ئۈستىدە ھەرئان،ئۇلۇغ بىر باپقا ئايلاندى .ئۆزۈڭدىن باشقىغا ، قىلىشقابارمىدى ھەددىم ،بېشىم قويسام ئاياغىڭغا،قېشىڭ مېھراپقا ئايلاندى .ئىشىقنىڭ بەختىدىن مەھرۇم،دىلى چۆل-دەشت كەبى گۇمران ،ماڭا پەندى-نەسىھەتلەر،قىلپ ھەربابقا ئايلاندى. يۈرەك-باغرىم كەبى زەخمە يىگەن جۇل-جۇل كۇلاجەندە، يىراقتىن بىر قاراپ قويساڭ شۇئان زەرداپقا ئايلاندى.