牛牛在线工具

Beautiful - 歌词大全

856,550 条歌词资料,支持按歌名、歌手检索与随机阅读。

支持按歌名或歌手检索,歌词排版与版本可能存在差异。

Beautiful

Trouble-Taran

歌手(原记录)
Trouble-Taran
作词 : Trouble-Taran 作曲 : Trouble-Taran Beautiful Qeyser-bextiyar/Trouble-Taran 后期制作:Murat-Musa گۈزەل رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر تاڭ سەھەردە ئۆستەڭ بويىدا يۈرىمەن سېنى كۆرۈش كويىدا ھىدىڭنى بىر پۇراپ ئۆلسەم يوق ئارمان شۇ ئارماننى ئۆزۈمگە قىلىپ پەرمان جەريان كېرەك مۇھەببەتلىك كەل ماڭا يار بول تائابەتلىك مۇھەببەتكە ساداقەتلىك مەلىكەم بولىسەن نازاكەتلىك باشقىلارمۇ قالسۇن بىز گە ھەۋەستە ئەلۋەتتە ساڭا ئېرىشتىم بەكمۇ تەستە گۈلزارلىقىمدىكى سەن بىر دانە گۈلۈم ساڭا بەرگەن ۋەدىلىرىم ھېلىھەممۇ ئەستە تاڭ سەھەردە ئۆستەڭ بويىدا بويۇڭنى كۆرۈپ قالدىم يۈرۈكۈم رايىمغا باقماي ئىسمىڭنى توۋلاپ سالدىم خىجالەتتىن يۈزۈڭ قىزاردى باغدا پىشقان ئالمىدەك شۇ بىر كۈلكەڭ ئىشقى ئوتنى يۈرۈكۈمگە سالدى بەك مەيىن شامال خۇشبۇي ھىدىڭنى ئېلىپ كەلدى يىراقتىن شۇندىن بېرى خالىي بولالماي سېغىنىش قايغۇ پىراقتىن سۆيگۈ ئېكرانىمدا سىمايىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ئەمما سېغىنىشلىق نالەم يارقاشىگە يەتمەيدۇ گۈزەل رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر ھەر كۈنى سەھەر مەھەللەڭگە بارسام يارىم سېنى كۆرگىلى كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ تەييار تۇرىسەن قوشۇماڭنى تۈرگىلى بىلمىدىم پۇرسەت چىقارمۇ ماڭا سەن بىلەن بىللە يۈرگىلى بىلمىدىم مۇيەسسەر بولارمەنمۇ مۇھەببەت پەيزى نى سۈرگىلى ئىسمىڭ كۆڭلۈمگە يادا مەن قىلاي مەجبۇرىيىتىمنى ئادا مۇھەببەتكە تولغان يۈرىكىمدىن پەقەت سەن ئۈچۈن چىقىدۇ سادا ئىسمىڭ يۈرەككە مۆھۈر مانا بۇ مۇھەببەتتىن دېرەك مېھرىڭ ماڭا بەك زۆرۈر مېنى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك ئۆزگە باغقا كۆز سالمايمەن ئۆز بېغىملا كۇپايە بەزىدە ئانچە-مۇنچە توڭ تېگىپ قويىسەن بەزىدە سىلىق-سىپايە مەن سېنى قىلسام ھىمايە سەن ماڭا قىلىسەن كىنايە بۇرەيھانلار ئىچىدە يېزىلىۋاتقان مۇھەببەتلىك بىر ھېكايە گۈزەل رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر